باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئۇنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ___ ۋەكىللەر ۋە ئەزالار دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى)

2019.03.10 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئومۇمىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، يۆلەش ـ ئېچىش خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ گەۋدىلىك ئورنىغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ بىرى دەپ ھېسابلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بولسا، چوقۇم غەلىبە قىلمىسا بولمايدىغان بىر مەيدان كەسكىن جەڭدۇر. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قانچە جىددىي بولغانسىرى، چوقۇم غەلىبە قازىنىشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىمىز شۇنچە قەتئىي بولۇشى كېرەك، ھەمدە يۈكسەك جەڭگىۋارلىق، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئۇنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  سەرخىللارنىڭ ھەممىسى جەڭگە ئاتلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ يېڭىپ ئىلگىرىلىدى

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بولسا، بۇ بىر قىيىن جەڭدۇر، نامراتلىقتىن ئۆز قەرەلىدە قۇتۇلدۇرۇش ــ بۇ بىر چىڭ ۋەزىپىدۇر.» گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ۋەكىل لۈي ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئالەمشۇمۇل بولدى. ئالتە يىلدىن بۇيان، جەمئىي 82 مىليون 390 مىڭ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. مانا ھازىر 2020- يىلىغا بارغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تاماملاشتەك بۇ نىشان-ۋەزىپىگە ئاران ئىككى يىللا ۋاقىت قالدى. دېمەك، بىز ھازىر دەل ئەڭ مۈشكۈل ۋاقىتقا دۇچ كەلدۇق. ھازىر ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى كۆك نامرات ۋە قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر بولغان مۈشكۈل جايلار. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بىز چوقۇم مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە باش بولۇپ مەسئۇل بولۇش، شەھەر-ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىشىمىز، پارتىيە ۋە مەمۇرىيەتنىڭ بىرىنچى رەھبىرىنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىشىمىز، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ-قاتلام ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك ۋە سەرخىل قوشۇننى ئەۋەتىپ، ئۇ سەرخىللارنىڭ ھەممىسىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى چىڭ تۇتۇشىمىز تېخىمۇ زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق كۆك نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات نوپۇسلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي تۈردە ئالدىنى ئېلىپ، كىرىم سەۋىيىسى ئارخىپ-كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىدىن سەللا يۇقىرى بولغان شۇ خىلدىكى ئاممىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر