خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 7- كۈنى، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، كىشىلەر جەنۋە خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
89- نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 7- چېسلا رەسمىي ھالدا ئاۋامغا ئېچىۋېتىلدى. ھەر يىلى ئەڭ بۇرۇن ئېچىلىدىغان ياۋروپا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ ئەزەلدىن ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى «شامال يۆنىلىشىنى كۆرسەتكۈچ» دېگەن نامى بار. بۇ يىلقى كۆرگەزمىدە، بۇ «كۆرسەتكۈچ» كىشىلەرگە توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ شەپىسىنى بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى