باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭدا تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشلاندى

2019.03.09 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭدا تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى چېكىنگەن توغراقلىقلار ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، رايون ئېكولوگىيە سىستېمىسى يەنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى ياساش، ئاددىي قىيان توسمىسى قاتارلىقلارنى ياساش ئارقىلىق، كەلكۈن باشلاپ سۇغىرىپ، توغراقتىن ئىبارەت بۇ قەدىمكى دەرەخ تۈرى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر كېلىدىغان تارىم دەرياسى قۇرغاق بولغان شىنجاڭنىڭ جەنۇبىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى. 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن بۇيان، سۇ مەنبەسىنى قالايمىقان ئېچىش ۋە تۆۋەن ئۈنۈمدە پايدىلىنىش سەۋەبلىك، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئازكەم 400 كىلومېتىرلىق دەريا يولىدا ئېقىن ئۈزۈلۈپ، يەر ئاستى سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ، زور كۆلەمدىكى توغراقلار قۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

  ئۆتكەن 20 يىلدا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 10 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك كىرىزىسىنى تۈزىدى. 2006-يىلى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 390 مىڭ گېكتارلىق تارىم توغراقلىقى مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش رايونى قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسى بۇ مۇھاپىزەت رايونىدىن باشقا، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 11 ناھىيە، شەھەرلەرگە چېتىلىدۇ، ئاساسلىقى تارىم غول ئېقىنى ۋە يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى، قايدۇ-كۆنچى دەرياسى قاتارلىق تۆت چوڭ تارماق ئېقىنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى توغراقلىقلار تارقالغان رايونلارنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  سۇ تولۇقلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشتىن باشقا، 2018-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تارىم نېفىتلىكى توغراقلىق تەبىئىيلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش رايونى، تارىم دەرياسى سۇلۇق يەر تەبىئىيلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش رايونىدىن چېكىنىپ چىقىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، شۇ يىلى 30 ئورۇندىكى نېفىت-گاز ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسىنى چۇۋۇش، قۇدۇقنى پىچەتلەش قاتارلىق مۇھىت ئاسراش، چېكىنىپ چىقىش خىزمىتى تاماملاندى. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى، تارىم نېفىتلىكى يەنە مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئارىلىق رايونى ئىچىدىكى 22 يەككە قۇدۇق، بىر ئورۇندىكى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى ۋە تەجرىبە رايونىدىكى12 يەككە قۇدۇقنى پىچەتلەش، چېكىنىش خىزمىتىنى تاماملايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر