باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ كۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى ياخشى، كۈتۈنۈش پۇلى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىدۇ، دېدى

2019.03.08 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8 - مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئاخبارات مەركىزى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ليۇ كۈن، مۇئاۋىن مىنىستىرى چېڭ لىخۇا، ليۇ ۋېينى «مالىيە-باج ئىسلاھاتى ۋە مالىيە خىزمىتى» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  ليۇ كۇن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، يېتەرلىك تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدا ئومۇمىي جەھەتتىن كىرىم چىقىمدىن كۆپ بولۇپ، دومىلىما قالدۇق كۆلىمى يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى لايىھەسى نەق يىغىپ، نەق چىقىم قىلىش، قىسمەن توپلاش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى تۈزۈم لايىھە نىشانىنى يەنىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى كىرىمى 3 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە، فوند چىقىمى 3 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە، شۇ يىلى ئېشىپ قالغان قالدۇق تەخمىنەن 400 مىليارد يۈەنگە، دومىلىما قالدۇقى 4 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر