خەلق تورى خەۋىرى: يېقىندا، جېجياڭ شيەنجۈ ناھىيەلىك ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، بەزىلەرنىڭ شەھەر رايونىدىكى دۇشەن تېغىدا ئۆز مەيلىچە ئاققاش قۇشقىچىنى ئېلىپ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى بىلىپ، ئورمان ساقچىلىرىنى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، نەق مەيداندىن قۇشنى ئېلىپ سەيلە قىلىپ يۈرگەن بىر نەچچە شەھەر ئاھالىسىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن. دەسلەپكى سوراقتا، بۇ بىر نەچچە شەھەر ئاھالىسى قۇشلارنىڭ قانۇنلۇق كېلىش مەنبەسىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەن. ئورمان ساقچىلىرى دەرھال رەتكە تۇرغۇزۇپ كونترول قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىز بېسىپ تەكشۈرۈپ، يەتتە كۈن ئىچىدە كەينى-كەينىدىن 34 ئاققاش قۇشقاچنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن، ھەمدە ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان. باھالاش ئارقىلىق، دېلوغا چېتىلىدىغان 34 ئاققاش قۇشقىچىنىڭ ئۆلكە بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇ تۈركۈم يىغىۋېلىنغان قۇش تۈرلىرىنى شيەنجۈ ناھىيەلىك ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كەڭ تەبىئەتكە قويۇۋېتىشنى قارار قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، شيەنجۈ دۆلەت باغچىسىدا ئاساسلىق 341 خىل ئومۇرتقىلىق ھايۋان بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇش تۈرىدىكىلىرى 186 خىل ئىكەن. شيەنجۈ ناھىيەلىك دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خەنبونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شيەنجۈ دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىنغاندىن بۇيان، شيەنجۈ ناھىيەلىك ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار تەشكىللىگەن قاپلان، مۈشۈك، مايمۇن، بۈركۈت قاتارلىقلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قويۇپ بېرىش پائالىيىتى 20 نەچچە قېتىمغا يەتكەن. «بۇ قېتىم شۇنچە كۆپ ئاققاش قۇشقاچنى قويۇپ بەردۇق، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»