باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 2019-يىللىق ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى 3-ئايدا باشلىنىدۇ

2019.03.08 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئايدىن باشلاپ، نەچچە ئون مەيدان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلش يىغىنى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن «ۋاسىتە» بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش يۈرۈشلۈك يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى باش بولۇپ پىلانلىغان بولۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتى، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر كونكرېت ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزىدۇ.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش يۈرۈشلۈك يىغىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 26 ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى خىزمەت ئىزدەش يىغىنى پائالىيىتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىنىڭ ۋاقتى، قېتىم سانىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش يۈرۈشلۈك يىغىنى بىر تۈرلۈك جامائەت پاراۋانلىق پائالىيىتى بولۇپ، ھەر قايسى بېجىرگۈچى مەكتەپلەر خىزمەتچى تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل ئېلىشقا بولمايدىكەن. بۇ قېتىملىق خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشقۇسى بار ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ، ئۇچۇر كۆرسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر