باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل ياڭ ۋېيگو يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمدىن پايدىلىنىش كېرەك، دېدى

2019.03.08 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئامىللىرىنى يېزا ئىگىلىكىگە يۈرۈشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» خۇنەن ئۆلكىسى جۇجوۋ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياڭ ۋېيگو مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىكى يەنىلا ئاجىز كەسىپ، يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سېلىنمىسى زور، قايتۇرۇۋېلىش دەۋرى ئۇزۇن، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، شۇڭا سېلىنمىنى تېخىمۇ ئاۋۋال كاپالەتلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  ۋەكىل ياڭ ۋېيگو مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىدە سېلىنمىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ھەم ئېشىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەم زاپاس مىقدارىنى ياخشى ئىشلىتىش كېرەك، بىرىكتۈرۈش ۋە پىشاڭلىق رولىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېشىش ئومۇمىي مىقدارى بويىچە ساقلانما مىقدارنى ياخشىلاپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، چەكلىك مالىيە مەبلىغىنى «قوشۇمچە دورا» قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، كاپالەت مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، جايلارنىڭ خەۋپ–خەتەر تولۇقلىما فوندى قۇرۇشىنى قوللاپ، پۇل مۇئامىلە ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارغا تېخىمۇ كۆپلەپ سېلىشقا جەلپ قىلىش لازىم. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش»، «زىرائەت تېرىش بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش»نى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ناھىيە رايونغا تايانغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش توپىنى ھاسىل قىلىش، ئىمكانقەدەر كەسىپلەر زەنجىرىنى ناھىيە تەۋەسىدە قالدۇرۇپ، دېھقانلارنى كەسىپنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشتىكى مەنپەئەتتىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر