باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2019.03.09 14:30   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەرنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللارنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  «8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  شى جىنپىڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىغىندا ۋاڭ شىنۋېي، ۋاڭ دۇجۈەن، تاڭ يۈشياڭ، سۇڭ خۇجېن، لى ليەنچېڭ، گاۋ جيەنجۈن، لى خوڭشيا، خۇاڭ جيۇشېڭ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى جۇڭگونىڭ ئىسىم كارتىسىنى بەرپا قىلىش، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ سەككىز ئارزۇسى، جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى يېتىلدۈرۈش، يۇرتداشلارغا ۋە پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ خېنەننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، خېنەندىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئۇل سېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خېنەن يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى، شۇنداقلا ئاھالىسى كۆپ ئۆلكە. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خېنەنگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى چىقىرىلدى. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش − كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتۇر، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى − يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، باش فاڭجېن بولسا − يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇمىي تەلىپى بولسا − كەسىپلەر روناق تاپقان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، يېزىلارنىڭ كەيپىياتى مەدەنىي بولغان، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولغان بولۇش، تۈزۈم كاپالىتى بولسا − شەھەر-يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر.

  لى كېچياڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  خەن جېڭ بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر