باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى» رەسىم كۆرگەزمىسى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى

2019.03.10 13:57   مەنبە: خەلق تورى

«جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى» رەسىم كۆرگەزمىسى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40- نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ ب د ت جەنۋەدە دائىم تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسى، شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىقلار 3- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى» رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدى. مەزمۇنى مول بولغان سۈرەتلەر ۋە ماتېرىياللار نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى جەلپ قىلىپ، كۆپلىگەن چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  جۇڭگونىڭ ب د ت جەنۋەدە دائىم تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىدىن ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن ۋەكىل يۈ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى ھەقىقىي مەقسەت شۇكى، شۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىي تۈردىكى شىنجاڭنى ۋە گۈزەللىككە تولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ھەمدە ھەر مىللەت خەلقى ئارامبەخشلىك تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان شىنجاڭنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى قانداق؟ ئۇنى شۇ سۈرەتلەر ئۆزى سۆزلەيدۇ.

  يۈ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: بەزى يامان غەرەزلىك كىشىلەر شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە پاكىتنى بۇرمىلاپ، قالايمىقان سۆزلىدى. لېكىن، پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق پاكىتنى ئېنىق تونۇپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالىشىغا ئىشىنىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ھوقۇقىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا، پاكىتنى بۇرمىلاشقا ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ، ھەم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە يادرولۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشكىمۇ بولمايدۇ.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە 80دىن ئارتۇق سۈرەت تاللىنىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ دېموكراتىك سايلاملىرى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلغان. بۇنىڭدا، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئېكسكۇرسىيىچىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر