باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىللىق پىلان دوكلاتى ۋە پىلان لايىھەسى، 2019-يىللىق خامچوت دوكلاتى ۋە خامچوت لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ تەكشۈرۈلدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئىككى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىنى ماقۇللىدى

2019.03.09 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دەسلەپكى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن، 2019-يىللىق پىلان دوكلاتى ۋە پىلان لايىھەسى، خامچوت دوكلاتى ۋە خامچوت لايىھەسىنى يەنىمۇ قاراپ چىقىپ تەكشۈردى. تولۇق مۇزاكىرىلىشىش ئاساسىدا، يىغىندا مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ «2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات»ى ۋە «2018-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات»ى ماقۇللاندى ۋە بۇ ئىككى دوكلاتنى خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە تاپشۇرۇش قارار قىلىندى.

  مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق قارىدى: 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى. گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان پىلان دوكلاتى ۋە پىلان لايىھەسى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، يېتەكچى ئىدىيەسى روشەن، ئاساسلىق نىشانى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى»نى، 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەستىقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق قارىدى: 2018-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 2019-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ لايىھەسى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن، خامچوت قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2018-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى، 2019-يىللىق مەركەزنىڭ خامچوت لايىھەسىنى، شۇنداقلا 2019-يىللىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەتتىكى قەرز پۇل قالدۇق سومما نورمىسى 13 تىرىليون 308 مىليارد 922 مىليون يۈەننى، مەخسۇس تۈر قەرز پۇل قالدۇق نورمىسى 10 تىرىليون 768 مىليارد 508 مىليون يۈەننى تەستىقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر