باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قانۇن چىقىرىش خىزمىتى ئۈستىدە توختالدى

ئېلىمىزنىڭ قانۇن سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى

2019.03.10 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ■ ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سەككىز قانۇن تۈزدى، 47 قانۇن (قېتىم)غا تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى قارار ۋە زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراردىن توققۇزنى چىقاردى

  ■ يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، بۇ يەرنى لايىقىدا كۆلەملىك باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەنىمۇ ئالغا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ■ ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان كۈچكە ئىگە قانۇندىن 271ى بار؛ چاڭجياڭنى قوغداش قانۇنى بۇ يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-مارت چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چېن شىۋېن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋۇرىتۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جۈنچېن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ ئەنبياۋ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى چېڭ لىفېڭ «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى» توغرىسىدىكى ئالاقىدار سوئاللار ھەققىدە جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  شۈ ئەنبياۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەتچىلىك قاتارلىق خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سەككىز قانۇن تۈزۈلدى، 47 قانۇن(قېتىم)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى قارار ۋە زور مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراردىن توققۇزى چىقىرىلدى. ھازىرغىچە، يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈچكە ئىگە قانۇندىن 271ى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قانۇن سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. چېن شىۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئىلگىرىكى يېزا يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ئىككى ھوقۇق ئايرىلىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇققا ئايرىلدى. ئۇ يەر ھۆددىگە ئالغان دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تولۇق قوغداپلا قالماي، يەنە ھەرخىل يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇش سۇبيېكتىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنىمۇ تولۇق قوغدىدى. بۇ يەرنى لايىقىدا كۆلەملىك باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەنىمۇ ئالغا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر