- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىتالىيە زۇڭلىسى سۆز قىلىپ، بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى ئىتالىيە ۋە ياۋروپا ئۈچۈن بىر تەرەققىيات پۇرسىتىدۇر، دېدى
2019.03.10 15:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې 8-چېسلا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئىتالىيە ۋە ياۋروپا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر تەرەققىيات پۇرسىتىدۇر، ئىتالىيە جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ.
كونتې شۇ كۈنى ئىتالىيەنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى شەھەر گېنوۋادا بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا شۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
كونتې يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىتالىيە جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ.
بۇ يىل 1- ئايدا، كونتې رىمدا زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ئىدى: ئىتالىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيىگە كۈتۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر