باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، جاۋ لېجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2019.03.10 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، 9- چېسلا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. بايىن چاۋلۇ، جىڭ جۈنخەي، گۇ فېڭجيې قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇلتۇر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇنىڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.» لى كېچياڭ يەنە شۇلارنىمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جىلىن چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىلىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە گوۋۇيۈەننىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىگىلىكنى كۈچلەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىيولوگىيە، دورا-دەرمەك ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپى قاتارلىق كەسپلەرنى زورايتىپ، يېڭى قۇدرەتنى تېز يېتىلدۈرۈشى كېرەك؛ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «بىرىنچى، ئىككىىنچى ۋە ئۈچىنچى» كەسىپلەرنىڭ بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىشى كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پېنسىيە ئىشلىرى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرى، مائارىپ ۋە داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك، دېدى.

  لى جەنشۇ چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. چېن مىنئېر، تاڭ لياڭجى، جاڭ شۈەن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلەپكە ماسلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتەك ۋەزىپىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ۋە كۆپ ياردەم كۈچلەرنى سەرپ قىلىپ، قانۇنچىلىق ئارقىلىق خەلقنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش لازىم. مەن يەنە چۇڭچىڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۇڭچىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلەپلىرى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، ئېچىۋېتىلگەن ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېگىزلىكىنى ۋە سۈيى سۈزۈك گۈزەل جاينى قۇرۇپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاۋ لېجى گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋېن جېڭيوۋ، چېن خۇا، لو چياڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇنىڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.» جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: گۈيجۇ ئۆلكىسى بولسا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھىدۇر. شۇڭا، گۈيجۇ ئۆلكىسى چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن، مەسئۇلىيەت تۇيغۇس ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلىك تاكتىكىدا چىڭ تۇرۇپ، سەرخىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەڭگە ئاتلىنىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش لازىم. مەسىلىنى توغرىلاشنى كۈچەيتىپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، كونكرېت تەھلىل قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، بىر-بىرلەپ ھەل قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى كۆزىتىش-تۈزىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، ھەمدە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۈنلەن، چېن مىنئېر قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر