باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل شۈ لىيى: پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك

2019.03.11 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش بولسا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋەكىل شۈ لىيى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خاڭجۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

  ۋەكىل شۈ لىيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر خاڭجۇدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپ ھالدا ئېقىپ كىرىش نىسبىتى ۋە چەت ئەلدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپ ھالدا ئېقىپ كىرىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتىدۇ. تۈزۈم تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ، سۇپا تىرىكىگە تايىنىپ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تەمىنلەپ، يېڭى كەسىپلەر ۋە يېڭى ئېكولوگىيەنىڭ تېز يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمدى خاڭجۇ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ سۇبيېكتلىق ھەمكارلىشىش، تولۇق ئامىل كاپالىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتەك يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يېڭىچە ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي سۇبيېكتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ سۇبيېكتلارنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ سۇپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ دىققەتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر