باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىسى ___ سۇ

2019.03.11 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇلتۇر ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ يىل بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، نۇقتىلىق نازارەت قىلىش قايسى جەھەتكە مەركەزلىشىدۇ؟ مۇخبىرنىڭ 10-چېسلا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېرىشكەن جاۋابى «سۇ» بولدى.

  «بۇ يىلقى نازارەتچىلىك خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، يەنى قانۇن بويىچە زۇمرەتتەك سۇنى قوغداش ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش»، - مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى دوۋ شۇخۇا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆلچىمى، پىلانلاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى ۋە نۇقتىلىق ۋادىلار، نۇقتىلىق كۆل، نۇقتىلىق رايونلاردا بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ.

  ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ يىل 4-ئايدىن 6-ئايغىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 8-ئايدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلايدىكەن ھەمدە مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرىدىكەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش مېخانىزمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ھەمدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتىكى ياخشى ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللىنىپ، بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك، دەل، چوڭقۇر ئىگىلىنىدۇ. نازارەت قىلىش خىزمىتى يەنە قانۇن چىقىرىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ. دوۋ شۇخۇا مۇنداق دېدى: چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇھىت مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئېلىنىپ، شۇ ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر