- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى ئۇزارتىشقا سەۋەب كۆرسىتىشى كېرەك
2019.03.11 09:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئانتونىئو تاجانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت بىر نەچچە ھەپتە ئارقىغا سۈرۈلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى ئارقىغا سۈرمەكچى بولسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 7-ئاينىڭ بېشىغىچە ئارقىغا سۈرەلەيدۇ، بۇ يېڭىدىن سايلانغان ياۋروپا پارلامېنتى يىغىن ئېچىشتىن بۇرۇن تاماملىنىشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانداقلا بولمىسۇن، ئەنگلىيەلىكلەر بىزگە ۋاقىتنى ئۇزارتىش توغرىسىدا، مەسىلەن، ئۇلار مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ يېڭىدىن سايلام ئېلىپ بېرىش ياكى يېڭىدىن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشتەك سەۋەبنى كۆرسىتىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەلىكلەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى، بۇ ئۇلارنىڭ مەسىلىسى، بىزنىڭ مەسىلىمىز ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ، ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى رەت قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر