3- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئېفىئوپىيە پايتەختى ئەددىسئەبېبە ئەتراپىدا، قېزىش ماشىنىسى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندا تازىلاش قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېفىئوپىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 10- مارت ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا، ئېفىئوپىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېفىئوپىيە چېگرىسى ئىچىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئېفىئوپىيە رادىئو شىركىتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى 157 يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى