باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش لازىم

خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار مۇھىتنى ياخشىلاپ، ياشاشقا باب كېلىدىغان ماكان قۇرۇش لازىم

2019.03.11 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش ھەم خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار مۇھىتنى ياخشىلاشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى. مۇھىت مەسلىسى قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۇبيېكتى بولغان كارخانىلار مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قانداق ئادا قىلىشى كېرەك؟ گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان مۇھىت قۇرۇشنىڭ قانداق يوللىرى بار... بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق، ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاھالىلەر ياشاش مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ھەم ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىش، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئىشى. چۇڭچىڭ شەھىرى بۇلتۇر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتىنى ئۈنۈملۈك تۈزەش نىسبىتى %90تىن ئاشتى، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %63كە يېتىپ، 400 كەنتنىڭ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تاماملاندى.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى يۈ گودوڭ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: شۇ جايدىكى لوڭشى دەرياسى ئىلگىرى تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە چارۋا-قۇش قىغلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، ۋادا تەۋەسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. «مەسىلە سۇدا، يىلتىزى قىرغاقتا ئىدى». يېقىنقى يىللادىن بۇيان، «ئائىلىلەر تۈرگە ئايرىش، كەنت توپلاش، بازار يۆتكەش، كەنت بىر تەرەپ قىلىش» تازىلىق مېخانىزمى ئارقىلىق، لوڭشى ۋادىسى لياڭپىڭ رايونىدىكى 124 مەمۇرىي كەنت ۋە 76 چارۋا-قۇش فېرمىسىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى تاماملاندى، ئەخلەت پونكىتى، ئەخلەت كۆمۈش مەيدانى قۇرۇلدى. دەريادا لەيلىمە ئەخلەتلەرنى تازىلاش ئەترىتى، سايلىقتا تازىلىق ئىشچىسى، قىرغاقتا ئەخلەت پونكىتى بار بولدى، بۈگۈنكى كۈندە لوڭشى دەرياسىنىڭ ھاياتىي كۈچى قايتىدىن ئۇرغۇپ، ئەتراپتىكى ئامما ئەمدى ئاغزىنى ئېتىپ كۈن كەچۈرمەيدىغان بولدى.

  يۈ گودوڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەنبەدىن تۈزەش ئىشىنى تۇتۇپ، يېزىلاردا چارۋا-قۇش باقمىچىلىقىنىڭ بۇلغۇمىسىنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، شەھەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يۆتكەش، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشىك ئالدى ئۈچ ھۆددىگەرلىكى، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش، جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى قاتارلىقلار ئارقىلىق، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاگاھلاندۇرۇش تەپەككۇر سىستېمىسىنىڭ تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت توردا كۆزىتىپ ئۆلچەش ئارقىلىق، بۇلغىنىشنى تۈزەشكە قارىتا «ئۆتكۈر كۆز» ئورنىتىپ، يەنە پۈتۈن رايون تۈزەش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دائىرىلىك بۇلغىنىش، تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر