باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2019.03.11 14:45   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. بەزى ۋەكىللەر يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق مىللىي ماركا يارىتىش ئۈستىدە توختالغاندا، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىز 2001- يىلىلا بۇ ئىشنى قىلغانتىڭىز، ھازىر يەنىلا قىلىۋاتىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ. كارخانا ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پەقەت ئازراق پۇل تېپىش مەسىلىسىلا ئەمەس. ھەقىقىي ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلىش، بۇ بىر قائىدە. شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇھىم سۆزىدە فۇجيەننىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەمدە فۇجيەندىكى يولداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، مۇقىملىق ئاساسىدىكى خىزمەت باش رىتىمىدا ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش جەھەتتە تىرىشىپ ياخشى نەتىجە يارىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىجاد قىلىشقا پايدىلىق بولغان ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىجاد قىلىشتىكى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا چوڭ ئۆزگىرىشىدىكى تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىجاد قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىجاد قىلىشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك ھالدىكى تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان شارائىتلارنى يارىتىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېزلىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. "ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك"تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، ئۇنى يېتەكلەش ۋەئۇنىڭغا مەدەت بېرىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئادىل، ئاشكارا ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان تەرەققىيات مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىپ، كارخانىچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بازار رىقابىتىدە يول ئېچىش روھى بولغان، ئالدىن كۆرەرلىكى بولغان ۋە خەلقئارا نەزەر دائىرىسى بولغان كارخانىچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، ئەركىن سودا سىناق رايۇنى، ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى، 21- ئەسىردېڭىز يىپەك يولى يادرولۇق رايونى قاتارلىق كۆپ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە يوللار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى توپلاشنى جەلپ قىلىپ، فۇجيەننىڭ كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشتا ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىش كېرەك. دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. تەيۋەن خىزمىتىدە، ھەم ئومۇمىيەت ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك، ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكىلەر چوقۇم تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە ۋە بايلىقنى ئالماشتۇرۇش، ساھە ئۆلچىمىنى تەڭ يەتكۈزۈشنى ئۆستۈرۈپ، فۇجيەننى چوقۇم تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەنلىك كارخانىلار قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان بىرىنچى يۇرت ۋە ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر