باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جەنۇبى سۇداننىڭ قايتىدىن گۇللەندۈرۈش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2019.03.11 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ مۇشۇ ئاينىڭ 8 -كۈنى مۇنداق دېدى: جەنۇبىي سۇداننىڭ قايتىدىن گۇللەندۇرۇش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى جەنۇبىي سۇدانغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشى كېرەك. ۋۇ خەيتاۋ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جەنۇبىي سۇدان مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئاشكارا يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن نەچچە ئايدا، جەنۇبىي سۇدان ۋەزىيىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى. جەنۇبىي سۇدان توقۇنۇشنى ھەل قىلىدىغان قايتا گۇللەندۇرۇش كېلىشىمنى ئىمزالىغان ھەر قايسى تەرەپلەر كېلىشىمنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قايتىدىن گۈللەندۈرۈش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن قىسمەن خىزمەتلەر يەنىلا ئاستا بولۇۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشى تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىپ، جەنۇبىي سۇداننىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر