باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى تېخىمۇ يىراق مۇساپىلىك دەل زەربە بېرىدىغان قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.03.11 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو مۇشۇ ئاينىڭ9-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ توغرا كونترول قىلىنىدىغان، دۈشمەن دۆلەتنىڭ ئارقا سېپىگە زەربە بېرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭ بۇداپېشت ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىغانلىقىغا ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: پوروشېنكو ئۇكرائىنا چېركاسسې ئوبلاستىنىڭ يەرلىك تەرەققىيات يىغىنىغا قاتناشقاندا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: ئۇكرائىنا دۆلەتنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىيات پىلانىنى تۈزىدۇ، بۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدە دەۋر بۆلگۈچ سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا نۆۋەتتە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسىنى ئادا قىلىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. بىز ئەلۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇساپىسىگە ئالاقىدار خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئىلىش چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر