باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى ئۈرۈمچىدە باشلاندى

لو شۇگاڭ تەبرىك سۆزى قىلدى، شۆھرەت زاكىر ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، نەيىم ياسىن مۇراسىمغا قاتناشتى

2017.07.21 15:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە شىنجاڭ خەلق سارىيىدا باشلاندى.

  سۈرەتتە: ئارتىسلار باشلىنىش مۇراسىمىدا «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» ناملىق نومۇردىكى «ئانار قىزاردى» ئۇسسۇلىنى ئوينىماقتا.

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە شىنجاڭ خەلق سارىيىدا باشلاندى.

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى لو شۇگاڭ تەبرىك سۆزى قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇدىرى شۆھرەت زاكىر تەبرىك سۆزى قىلدى ھەم ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق- كومىتېتلىرى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىز رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، سۈي يۈيىڭ، جاۋ سۇپىڭ، مېڭ دېلى، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، مانەن زەينەل، گۈلشات ئابدۇقادىر، لى شىنمىڭ قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لو شۇگاڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا، ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، تەبىئىي بايلىقى مول، يېرى كەڭ، شىنجاڭ تارىختا قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان، ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ، تارىخنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپ، بۇنى جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرغان. ھازىر «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قوللاپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى قوللاپ، يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى تاشقى مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم سۇپا، بۇ بايرام ھازىرغىچە تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى نامايان قىلىش، تاشقى سەنئەت ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى يارقىن ماركىغا ئايلاندى. ئىشىنىمىزكى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئۇسسۇل بايرىمى بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلىدۇ، خەلقئارا سەۋىيە، مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مەدەنىيەت مەرىكىسىگە ئايلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر تەبرىك سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشقان مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق- كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ، ھەر مىللەت كۆچۈپ سىڭىشىشكەن كارىدور، بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ۋە شەرق، غەرب مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئۇچراشقان جاي. بۇ كەڭ زېمىندا ياشىغان ھەر مىللەت خەلق تارىخنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە مۇزىكا، ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەتنى يارىتىپ، ئۇنى جۇڭخۇا مىللىتى مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرغان. بىزنىڭ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان، دۆلەت ئاتلىغان، مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچكە ئىگە، زامانىۋى قىممەت قارىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن مەدەنىيەت روھىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەنئەنىۋى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ھەم دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگو مەۋقەسىدە تۇرىدىغان ۋە دۇنياغا يۈزلەنگەن زامانىۋى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى تارقىتىش مەسئۇلىيىتىمىز، مەجبۇرىيىتىمىز ۋە ئارزۇيىمىز بار. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئىدىيەدىن ئەمەلىي ھەرىكەتكە، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى پۇرسەتكە تولدى، جۇڭگو شىنجاڭ چوقۇم ئېلىمىز قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» مەدەنىيەت يولى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز كىشىنى جەلپ قىلىدىغان نۇر چاچىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر «5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى باشلاندى!» دەپ جاكارلىدى، مۇراسىم مەيدانىدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلار ۋە 2000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت تاماشىبىن باشلىنىش مۇراسىمى ئۈچۈن تەييارلانغان «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى»دىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندى.

  «جۇڭگو ئارزۇسى، رەڭدار يىپەك يولى»نى باش تېما قىلغان بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى 7- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 20دىن ئارتۇق جۇڭگو، چەت ئەل سەنئەت ئۆمىكى ئۈرۈمچىدىكى ئالتە تىياتىرخانىدا 60 نەچچە مەيدان ئېسىل نومۇر ئورۇنلايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، توردىكى ھەمتۈرتكىلىك ئۇسسۇل بايرىمى، جۇڭخۇا چاڭچىلە سەنئىتى ھەپتىلىكى، شىنجاڭ ياشلار ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى، شىنجاڭنىڭ ئاسار ئەتىقىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو ياشلار ئويما رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر