باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىيادىلەر سىزىقىدىن ئۆتكەندە پىيادە كىشىلىرىگە يول بەرمىگەن قىلمىشقا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۈچ نومۇر تۇتۇلىدۇ

تەلەي سىنىماڭ! يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا پۈتۈن كۈن 24 سائەت تېز تارتىدۇ

2017.07.21 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئىيۇلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ پىيادىلەر سىزىقىدىن ئۆتكەندە پىيادە كىشىلىرىگە يول بەرمىگەن قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پىيادىلەر سىزىقىدىن ئۆتكەندە پىيادە كىشىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە ئاپتوموبىلنى توختاتماي يول بەرمەيدىغان قىلمىشقا 200 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئۈچ نومۇر تۇتىدۇ.

  20- ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 7- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچىسى تارماقلىرى «ئاسمان كۆزى» ناملىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ پىيادىلەر سىزىقىدىن ئۆتكەندە پىيادە كىشىلىرىگە يول بەرمەيدىغان قىلمىشلارنى 24 سائەت تېز سۈرەتكە ئېلىپ تۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر