- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەربىر ئاھالىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا بېرىلىدىغان مالىيە تولۇقلىمىسى 30 يۈەن كۆپەيتىلدى
2017.07.20 16:57 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشۇمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارغا ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن بېرىلىدىغان ئوتتۇرىچە تولۇقلىما ئۆلچىمى 2016 – يىلىدىكى ئاساستا 30 يۈەندىن كۆپەيتىلىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشىگە يىلدا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنىڭ 450 يۈەندىن كەم بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.
ئۇقۇشىمچە، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار يىلدا بىر قېتىم ھەق تاپشۇرىدىكەن، بۇ سۇغۇرتىدا شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن تولۇقلىما بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان. بۇ يىل شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق ئۆلچىمىمۇ 2016 – يىلىدىكىدىن 30 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، بىر ئادەم يىلدا ئاز بولغاندا 180 يۈەن ھەق تاپشۇرىدىغان بولغان. ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن بېرىلىدىغان ئوتتۇرىچە تولۇقلىما مەبلەغ بۇ يىل 9 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تولۇق ئەمەلىيلىشىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر