باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئىككىنچى قېتىملىق مەخپىي كۆرۈشۈش» «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ۋەقەسى»نى قايتا پەيدا قىلارمۇ؟

2017.07.21 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىدا «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ۋەقەسى ئۇدا ئەۋج ئېلىۋاتقان پەيتتە، يېقىندا يەنە چوڭ ئوغلى «مەخپىي كۆرۈشۈش»، زۇڭتۇڭ «خۇسۇسىي پاراڭلىشىش» ۋەقەلىرى ئاشكارىلىنىپ، جامائەتچىلىكنىڭ غۇلغۇلىسى قايتا قوزغالدى. تىرامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن بۇيان، «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ۋەقەسى»دىن ئىبارەت بۇ سىياسىي ئويۇن بىر يىلغا يېقىن ئوينالدى، شۇڭا ئانچە ئاسان تۈگىمەسلىكى مۇمكىن. تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ زىھنى ئۇدا چېچىلغاچقا، ئامېرىكىنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېڭى-يېڭى ۋەقەلەرنى ئاشكارىلاپ، «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ۋەقەسى»نى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرىۋەتتى.

  ئاقساراينىڭ 18-ئىيۇل ئىسپاتلىشىچە، ئىيۇلنىڭ باشلىرىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رەسمىي كۆرۈشكەن كۈنى كەچتە ئىككەيلەن بىر زىياپەتتە قىسقىغىنە پاراڭلاشقان. پاراڭلىشىشتا پۇتىننىڭ تەرجىمانىلا بار بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن ئاشكارىلانمىغان.

  ئۇنىڭمۇ ئالدىدا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىرامپنىڭ چوڭ ئوغلى «رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتى» بىلەن 2016-يىلى 6-ئايدا مەخپىي كۆرۈشكەن.

  ئارقىدىن يەنە 11-ئىيۇل ئالاقىدار ئېلخەت مەزمۇنلىرىنى تىۋىتتىردا ئاشكارىلىغان.

  12-ئىيۇل تىرامپ تىۋىتتىردا ئوغلىغا مەدەت بەرگەن ھەمدە «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى «تارىختىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي زىيانكەشلىك» دېگەن.

  تىرامپنىڭ چوڭ ئوغلى ۋە تىرامپنىڭ سايلام مەسلىھەتچىسى پائۇل مانافورت 26-ئىيۇل ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىپ، چەتئەل ۋەكالەتچىلىرى ئامېرىكا سايلىمىغا تەسىر قىلىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

  بىر جەھەتتىن، يېقىندا ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى تىرامپ ئۆمىكىنىڭ «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» گۇمانىنى كۈچەيتىۋەتتى، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» توغرىسىدا ئۆزىنى ئاقلىشىنىڭ قانۇنى خېيىم-خەتىرىنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

  ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم جامائەتچىلىك ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى ئەرباپلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: «ئىككىنچى قېتىملىق مەخپىي كۆرۈشۈش»تە تىرامپنىڭ تەرجىمانىنىڭ نەق مەيداندا بولماسلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئادىتىگە خىلاب ئىش. ئۇندىن باشقا، تىرامپنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ سايلام مەزگىلىدىكى «مەخپىي كۆرۈشۈش»ى «قوشما شىتات سايلام قانۇنى» خىلاب ياكى ئەمەسلىككە بېرىپ تاقىلىدۇ. ھازىر ئامېرىكىدىكى بىرقانچە ئەلئىچى نازارەتچىلىك تەشكىلاتلىرى قوشما شىتاتلىق سايلام كومىتېتىغا بىرلىكتە ئەرز سۇنۇپ، تىرامپنىڭ چوڭ ئوغلىنى ئالاقىدار سايلام قانۇنىغا خىلابلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.

  يەنە بىر جەھەتتىن، «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ۋەقەسى داۋرىڭىنىڭ يەنىمۇ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا 2018-يىلىدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا تەييارلىق باشلانغاچقا، پارتىيە ئىچىدىكى بەزى ئەرباپلار تىرامپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە باشلىغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توسقۇنلىقىنىڭ كۈچىيىشى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسىگە ئايلاندى. بۇنىڭ بىر مىسالى، تىرامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋەدىسىدە ئېيتقان تىببىي سۇغۇرتا قانۇن لايىھەسى ئىسلاھاتى يېقىندىلا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى» لايىھەسىنى بىكار قىلىشنى ئاۋاز بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرىدۇ.

  ئەمما تىرامپ ھۆكۈمىتىدە خۇشخەۋەرمۇ بار. ئامېرىكا ئىقتىسادى يېقىندىن بۇيان داۋاملىق ياخشى بولدى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇ يىللىق ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئۆستۈردى، ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ ئۇدا تۆۋەن بولدى، تىرامپنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى دەسلەپكى ئۈنۈم بەرگەچكە، مېكسىكىلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانىمۇ 17 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى، بۇلار تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلار ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.

  ئامېرىكا قوشما شىتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتقا چىقىش ئادۋوكاتى جاڭ جۈن مۇنداق دەپ قارىدى: «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاياقلاشمايدۇ، ئەكسىچە ئۇزاققا سوزۇلىدۇ. بۇ ۋەقە دارۋىڭىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى توختاپ قېلىش خەۋپىگە دۇچار بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  جاڭ جۈن مۇنداق دەپ قارىدى: تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى زۇڭتۇڭنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئەمما «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ۋەقەسى»دىن ئۇزاق مۇددەتلىك قارىغاندا، ئالاقىدار ئەرباپلار پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىرى ئۆز سايلىغۇچىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن، ئىسپات ئاڭلاش مەزمۇنىنى ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ تاللىغان. بۇنداق تەكشۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن بايلىقىنى ئىگىلەيدۇ، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت ۋە ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار خالىمايدىغان ئەھۋال.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر