باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

6-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ۋە ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۆستى

2017.07.21 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ۋە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەنە قوش ئۆستى. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 6-ئايدىكى ئېلىمىزنىڭ 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.9 ئۆرلىگەن.

  بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئولتۇراق ئۆي باھاسىنىڭ ئۇدا ئۈچ ئاي قوش ئۆسۈشى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نىمكەش ئۆي باھاسىمۇ ھەم ماس قەدەملىك ئېشىپ، ئۆي باھاسى ئۇدا ئىككى ئاي ئالدىنقى ئايدىكى ۋە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان 6-ئايدىكى نىمكەش ئولتۇراق ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.6 ئۆستى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئۆستى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان بازار سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى سېلىنغان ئۆي سودىسىنىڭ پۈتۈشۈش سانى 4197 يۈرۈش بولۇپ، سېتىلىش مىقدارى ئۇدا تۆت ئاي يۇقىرى بولغان. بۇ، يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئۈرۈمچى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ئىپادىسىگە قارىغاندا، يەر خېتى بېجى ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۈرۈمچى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ئىپادىسى مۆلچەردىكىدىن ئاشقان. بۇ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆي بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، تەرەققىيات سودىگەرلىرىنىڭ تەرەققىياتقا ئىشەنچ بىلەن قارىشى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىرىك پىلانى، بازار ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر