باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

2017.07.18 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە بازار مۇھىتىنى ياخشىلاش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەبلەغ سېلىش ۋە بازار مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سىرتقا ئېچىۋىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بازار ھەرىكىتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، كۆزلىمە تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىجازەت بېرىشتىن ئىلگىرى پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىك قوشىدىغان باشقۇرۇش ئەندىزىسى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سودا تەڭپۇڭلۇقى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر، خەلق بانكىسىنىڭ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئېچىۋىتىش دائىرسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر