باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى

2017.07.17 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى نىزامى» نى ئېلان قىلدى، بۇ «نىزام» 2017-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى نىزامى» مۇھىم ھەربىي قانۇن-نىزام بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ تۈپ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزەردە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  «نىزام» جەمئىي 8 باب، 40 ماددا بولۇپ، ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پىرىنسىپلىرى، ھۆججەتنىڭ تۈرى، فورماتى، ھۆججەت چىقىرىش قائىدىسى، بېجىرىش تەرتىپى ۋە باشقۇرۇش تەلىپى قاتارلىقلار توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئارمىيە بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە يېڭى تەجرىبىلەر قوبۇل قىلىنغان، يېڭى تۈزۈلمە شارائىتىدىكى ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئارمىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تېخىمۇ ئىلمىيلىككە، يېتەكچى خاراكتېرگە ۋە تەبىقلىنىشچانلىققا ئىگە قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر