باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بەييىندىكى «5- ئاۋغۇست» زەنجىرسىمان قاتىللىق دېلوسىغا 7- ئاينىڭ 18-كۈنى سوت ئېچىلىدۇ

2017.07.18 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئىيۇل، گەنسۇ ئۆلكىسى بەييىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بەييىن «5-ئاۋغۇست» زەنجىرسىمان قاتىللىق دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى گاۋ ×× نىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، جەسەتنى خورلاش دېلوسىغا 7- ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بەييىن شەھىرى بەييىن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە يېپىق سوت ئېچىلىپ قاراپ چىقىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، جاۋابكار گاۋ ×× قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى بەييىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بەييىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بەييىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكار گاۋ ×× نى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، باسقۇنچىلىق جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى، جەسەتنى خورلاش جىنايىتى بىلەن بەييىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبنامە سۇنغان. سوت مەھكىمىسى ئەدلىيەلىك تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇ دېلونى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلغان.

  بەييىن «5-ئاۋغۇست» زەنجىرسىمان قاتىللىق دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى 1988-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە رەھىمسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، 11 ئايالنى ئۆلتۈرگەن، بۇ دېلونى پاش قىلىشقا 28 يىل كەتكەن بولۇپ، بىر مەھەل «ئەسىرلىك دېلو» دەپ ئاتالغان. جىنايەت گۇماندارى گاۋ xx ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن، سوراق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ 1988-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 11 ئايالنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەنلىكىدەك جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر