باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتى بىزگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

2017.07.17 16:28   مەنبە: خەلق تورى

خىزمەت ئەترىتى بىزگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  __ بۇ يىلقى خىزمەت ئەترىتى ئىنتايىن ياخشىكەن، ئۆينىڭ ئالدىدىلا توكلۇق موتوسىكىلىتقا نۇمۇر تاختىسى بېجىرەلەيدىغان بولدۇق.

  __ خىزمەت ئەترىتى بىز ئۈچۈن ھەقىقىي ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى .

  __ ھازىر بەكلا قولايلىق بوپ كەتتى، بۇرۇن بىرەر ئىشنى شەھەرگە نەچچە قېتىم كىرىپ ھەل قىلاتتۇق، ھازىر نەق مەيداندىلا ھەل بولدىغان بولدى، خىزمەت ئەترىتى بىزنىڭ غەمگۇزارىمىز بولۇپ قالدى...

  دېھقانلار كۆڭۈل سۆزلىرىنى دېگەچ، ئىنتايىن خوشال ھالدا كەنت كومىتېتىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى.

  ئۇرۇقچىلىق مەيدانى قۇمقىشلاق كەنتى شەھەردىن 8 ـ 9 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، كەنتتىكى كۆپلىگەن دېھقان پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە شەھەرگە ئاپىرىپ سېتىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. لىكىن، توكلۇق موتوسىكىلىتنىڭ نۇمۇر تاختىسى بولمىغاچقا، يېقىنقى مەزگىلدە شەھەرگە كىرەلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئاپتومۇبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ بېجىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بېجىرىش ئورنىنى تاپالماي، بېجىرىش تەرتىپىنى بىلەلمەي، بەك قىينالغان ئىدى.

  ئاقسۇ شەھەرلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى قۇمقىشلاق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى كادىرلىرى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئائىلە زىيارىتى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىر-بىرلەپ ئىگىلەپ، دېھقانلارنىڭ قىينچىلىقىنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تىرىشتى. ئۇلار ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئۇرۇقچىلىق مەيدانىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ۋاقتىدا كېلىپ دېھقانلارنىڭ توكلۇق موتوسىكىلىت نۇمۇر تاختىسى رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بەردى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىر تەرەپتىن دېھقانلارغا ياردەم قىلىپ جەدۋەل تولدۇرۇپ، ئىسپات چىقىرىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارمىقىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ياردەم قىلدى.

  دېھقان تۇنىياز نەمەت مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ھەمدە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، خىزمەت ئەترىتى بىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىزنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، بىزنى شۇنچىلىك خوش قىلىۋەتتى، خىزمەت ئەترىتى ھەرۋاقىت بىزنىڭ قېشىمىزدا، ئۇلار بىز دېھقانلارنىڭ غەمگۇزارى بولدى. ( ئاقسۇ شەھەر ئىگەچى يېزا ئۇرۇقچىلىق مەيدان قۇمقىشلاق كەنتتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن ۋاڭ گاڭ، ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى )

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟
    ·ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان ۋە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىل…
    ·لى كېچياڭ: تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم لاياقە…
    ·ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى تۆت يىلدا %12.7 ئاشتى
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش…
    ·تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ
    ·ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى تېزلىتىلىدۇ