خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كانادا باش ۋالىيسى جونىستون بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كانادا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپ، ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئورتاق مەنپەئەت ۋە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو كانادا بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر قايسى قاتلام ۋە دەرىجىلىكلەر سۆھبەت مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ۋە ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئۇزاق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى