باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«12 – بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىز 41 مىليون 875 مىڭ 500 مو قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەپ، نىشان–ۋەزىپىنى 2.6 ھەسسە ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى

2017.07.17 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىگىلىنىشچە، «12 – بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ شىمالىي ئىھاتە ئورمىنى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈش، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش ۋە كىچىك ۋادىلارنى ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، 41 مىليون 875 مىڭ 500 مو قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «12 – بەش يىل»دىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نىشان – ۋەزىپىسىنى 2.6 ھەسسە ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى.

  دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «12 – بەش يىل»دىكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نىشان مەسئۇلىيەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال باھالاش نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خىزمىتى «گەۋدىلىك» بولغان.

  شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە قۇملىشىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ رايون، شۇنداقلا جۇڭگودىكى توپا – توزاننىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىنىڭ بىرى. «12 – بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «12 – بەش يىل»لىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى، بوستانلىقنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %23.5 تىن %28 كە يېتىپ، ئورمانلىق كۆلىمى 165 مىليون موغا يەتتى. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن دۆلەت دەرىجىلىك جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنى 12 مىليون 120 مىڭ مو بولۇپ، دۆلەت جامائەت پاراۋانلىق ئورمىنىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 114 مىليون موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە قۇملۇق رايون جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنىنىڭ كۆلىمى 87 مىليون 100 مىڭ مو بولۇپ، ھەممىسى باشقۇرۇش – قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر