باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان ئارمىيەسى غەربىي شىمال رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتتى

2017.07.17 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان ئارمىيەسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» كۈچلىرىنىڭ پاكىستان تەۋەسىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن كىبىر قەبىلە رايونىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىدۇق.

  پاكىستاندىكى ئۈچ ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاشىف جافۇر شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسى شۇ كۈنى بىرلىشىپ كىبىر قەبىلە رايونىنىڭ پاكىستان ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن تاغلىق رايونىدا «كىبىر-4» ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. نىشان- پاكىستان ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى ئافغانىستان تەرەپتىكى «ئىسلام دۆلىتى» كۈچلىرىنى توسۇش، ئۇلارنىڭ پاكىستان تەۋەسىدىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ھەمدە ئۇلارنىڭ پاكىستانغا كىرىشىنى توسۇش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر