خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىنىڭ ئىچى موڭغۇلنىڭ لىن خېدىن بەيگېداغىچە بولغان بۆلىكى، گەنسۇ بەيگېدادىن مىڭشۈيگىچە بولغان بۆلىكى ۋەگەنسۇ مىڭشۈيدىن شىنجاڭ قۇمۇلغىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىق ئۈچ بۆلەكنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، G7 ناملىق بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتنىشى رەسمىي تۇتاشتۇرۇلدى.
G7 ناملىق بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن كېيىنكى شىنجاڭدىن چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك 2- غول يول ھېسابلىنىدۇ. شىڭشىڭشادىن ئۆتۈپ، جيۇچۈەننىڭ جەنۇبىي قىسىمغا كىرىپ، ئاندىن بېيجىڭغا يېتىپ بارىدىغان ئىلگىرىكى بۇ G30 دۆلەت يولى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يېڭى يولنىڭ بېيجىڭدىن شىنجاڭغا بارىدىغان مۇساپىسى 1300 كىلومېتىر قىسقاردى.
مەزكۇر تۈر قۇرۇلۇشىغا بەش مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 2009 - يىلى ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان، 2010- يىلى تۇنجى قېلىملىق سىناق قىلىش بۆلىكى (شىنجاڭ بۆلىكى)دە قۇرۇلۇش باشلانغان، 2015- يىلى 11- ئايدا رەسمىي ئىش باشلانغان. مەزكۇر تۈر شىنجاڭنى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىنچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولۇپ، «غەربىي شىمالنىڭ قاتنىشىدىكى قولايلىق غول يول»دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تۇتاشتۇرۇلىشى بېيجىڭ-ئۈرۈمچى ئارىلىقىدىكى بىر قەدەر قولايلىق غول يولنىڭ بىرى بولۇپ قالغۇسى.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى زۇلپىيە ئابدۇقادىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل ۋە گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە توختايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 2768 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، لىن خېدىن بەيگېداغىچە بولغان بۆلەكنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 930 كىلومېتىر بولۇپ،ئېلىمىزدىكى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بۆلەك ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسىمدىكى بايوننور شەھىرى بىلەن ئارىشان ئايمىقى تەۋەسىگە جايلاشقان؛ بەيگېدادىن مىڭشۈيگىچە بولغان ئومۇمىي مۇساپە 134 كىلومېتىر بولۇپ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۇەن شەھىرىنىڭ سۇبېي ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان؛ مىڭشۈيدىن قۇمۇلغىچە بولغان ئومۇمىي مۇساپە 178 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇمۇل شەھىرى تەۋەسىگە جايلاشقان. مىڭشۈيدىن قۇمۇلغىچە بولغان بۇ بۆلەكتىكى تاشيول شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ شەرقىي ئېغىزىنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، ئۇ، شىنجاڭ قورغاس پورتى بىلەن تيەنجىن پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان شىمالىي رايوندىكى ئەڭ تېز يولنى ئاچتى، ئۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى