باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟

2017.07.12 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر يىلى مۇشۇ كۈنلەردە، كۆڭۈلدىكىدەك مەكتەپ، مۇۋاپىق كەسپنى تاللاشتىنمۇ بەك كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش بولمىسا كېرەك. بىراق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەزى جايلاردا يۇقىرى نۇمۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئارزۇسىنى ئۆزگەرتىشكە ئالداپ نەسىھەت قىلىدىغان، ھەتتا ئۇلارنى كۆڭلىگە پۈكمىگەن ئارزۇلارنى تولدۇرۇشقا بىۋاستە مەجبۇرلايدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى دىلغۇل قىلغان ھەم ئامالسىز قالدۇرغان.

  مەكتەپنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب ناھايىتى ئاددى، يەنى تېخىمۇ كۆپ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى بيېجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئېسىل ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇكاپات سوممىسى، ئۆستۈرۈلۈشىگە چېتىشلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەكتەپنىڭ ئىناۋىتى ۋە كەلگۈسىگە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ قارىشىچە، بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى-ناچارلىقىنى باھالاشتا، ھەر يىلى قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتىغا ئوقۇشقا كىرگەنلىكى ناھايىتى مۇھىم ئۆلچەم قىلىنىدىكەن. «بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتسە، 500 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش» ناھىيەنىڭ ھۆكۈمەت خىزمتىدىن دوكلاتىغا كىرگۈزۈلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن داڭلىق مەكتەپلەرنى تونۇشتۇرۇش، بەلگىلەنگەن كەسپلەرنى ئارزۇ جەدۋىلىگە تولدۇرۇش ئىشنىڭ يولى بولۇپ قالغان.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرىشى مەكتەپنىڭ شەرىپى، قارىماققا «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش» دېيىشكە بولىدىغاندەك قىلىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان نەچچە مىليون ئوقۇغۇچىدىن مەكتەپنىڭ ئامال قىلىپ «غەمخۇرلۇقى» غا ئېرىشىدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىمەيدۇ. بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچى «مەكتەپتىن مىننەتدار بولۇشى» كېرەككەن. بۇنداق قاملاشمىغان باھانە، ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىدىغان كۆڭۈل بۆلۈشلەر دەل كىشىلەر ئەنسىرەۋاتقان مەسىلىنىڭ مەنبەسى.

  ئوقۇغۇچى مائارىپنى قوبۇل قىلغۇچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تەرەققىيات سوبيېكتى. مەكتەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش تور نۇمۇرى ۋە مەخپىي نۇمۇرى خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغان سان ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولدۇرغان ئازۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش كېرەك. كەسپكە بولغان قىزىقىشنى كېيىنكى ئۇچرىشىش، مەشق قىلىش ئارقىلىق يىتىلدۈرۋالغىلى بولىدۇ، بىراق بۇ كەسپنى ئەركىن تاللاش بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئوخشاشمايدىغان ئىككى ئىش. مەكتەپ ئۆرلەپ ئوقۇش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ھەدېسىلا ئوقۇغۇچىلار، ئاتا- ئانىلارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەن، بېسىم قىلغاندا، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى بولسۇن ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزى ئۈچۈنمۇ، بۇنى ئويلاپ باققانمىدۇ؟ تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىش «ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى بولسۇن» نى دەستەك قىلىۋېلىش، مائارىپ GDP سىنى كۆزلەشتۇر خالاس، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا قىممەت قارىشىنى يىتىلدۈرۈشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە مائارىپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە زىتتۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر