خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇل ھامبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، يېتەكلەش سۆزى ۋە خۇلاسىلەش سۆزى قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۇقتىلىق قارالمىلىرىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق-ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، بىرلىكتە ئوچۇق دۇنياۋى ئىقتىساد بەرپا قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىدا بەزى ئىجابىي ئالامەتلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشى زۆرۈر بولغان بەزى خىرىسلار پەيدا بولۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەڭشەشكە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم پەيتكە توغرا كەلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، شۇڭا رەئىس دۆلەت گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، ئوچۇق دۇنياۋى ئىقتىساد بەرپا قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىجابىي سىگنال تارقىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق-ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداپ، ھەمتۈرتكە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى