- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ رۇسىيە فىدېراتسىيەسى، گېرمانىيە فىدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 12- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
2017.07.10 17:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە فىدېراتسىيەسى، گېرمانىيە فىدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەم ھامبۇرگقا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 12-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، 9-ئىيۇل بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
رەئىس شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 8-ئىيۇل كەچ، شى جىنپىڭ گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىن ئايرىلىپ ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر