باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلانغاندىن بۇيان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا يەنە ئېغىر ئىختىلاپلار ساقلانماقتا

2017.07.11 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلانغاندىن بۇيان بىر قىسىم يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئېغىر ئىختىلاپ ساقلاندى. يېقىندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا سۇرىيەنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىدا يېڭى ئۈمىدلەر بارلىققا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇرىيەنىڭ تىنچ يارىشىش ئىشلىرىدا يېڭى پۇرسەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

  7- نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى 10-ئىيۇل ئاخىرلاشتى، 9- ئىيۇل، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ئىيوردانىيە قوللىغان سۇرىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى، ئۇرۇش توختىتىلغان رايونلاردا كۆرۈنەرلىك قوراللىق توقۇنۇش بولمىدى. ئۇرۇش توختىتىش داۋامىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە بولغان ئۈمىدلەر تېخىمۇ كۈچىيىپ، سۇرىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىدا تىنچلىق نۇرى كۆتۈرۈلدى. بىراق سۇرىيە ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئويلىغاندا، سۇرىيەنىڭ تىنچلىق يولى يەنىلا تەكشى ئەمەس. 9-ئىيۇل، سۇرىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بەشىر جافارى باشچىلىقىدىكى سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ ئالى سۆھبەت كومىتېتىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى ناسىر ھەرىرى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ئالدى بىلەن جەنۋەگە يېتىپ كەلدى. بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى يەنىلا ۋاسىتىلىك سۆھبەت شەكلىدە ئىلىپ بېرىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپ ۋاسىتىچى بولۇپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپكە خەۋەر يەتكۈزدى. رەسمىي تىنچلىق سۆھبىتىدىن سىرت، يۇقىرىقى قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىدە ئورنىتىلغان مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى مىخانىزمىمۇ بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىدە داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسى ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئاساسى قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن تېمىلاردىكى مەسىلىلەردە تېخنىكا خاراكتېرلىك كېڭىشىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىستۇرا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشىگە، ھەمدە سۇرىيە مەسىلىسىنى ئەڭ ئاخىرى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يولىغا باشلاشقا ئاساسى سېلىشقا پايدىلىق. دىمىستۇرانىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ يادرولۇق تېمىسى يەنىلا تۆت مەسىلە، يەنى، مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇش، ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قايتىدىن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار تېمىلار بولغان، بىراق، ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا چوڭ مەسىلىلەردە يەنىلا زور ئىختىلاپ ساقلانغان.

  ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ئىيوردانىيە 7-ئىيۇل ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا سۇرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 9-ئىيۇل سائەت 12 دە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى، سۇرىيە ئارمىيە تەرەپكە يېقىن بولغان بىر خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر شۇ كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلغان، كېلىشىمگە چېتىلغان دىرا، قۇنەيتىرەھ ۋە سۇۋەيدە قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ۋەزىيىتى بىر قەدەر تىنچ بولغان. ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئۇرۇش توختىتىشتىن مەقسەت، سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇشنى مەڭگۈ پەسەيتىپ، دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىپ، رايون مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى قولايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە مۇئاۋىن ئالاھىدە ئەلچىسى رامۇزى 8-ئىيۇل سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە مۇنداق دېدى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى سۇرىيە مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تاشلانغان بىر قەدەم. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىل تەرەققىيات سۆھبەتكە مۇۋاپىق مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە پايدىلىق، ھەمدە بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ سۇرىيەدىكى باشقا رايونلاردىمۇ يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: سىرتقى كۈچلەر ئارىلاشقانلىقتىن، جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئالتە يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا خاتىمە بېرىشدە ئۈمىد چوڭ ئەمەس. تىنچلىق سۆھبىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يەنىلا قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

  1-: ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ سۇرىيەنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدىكى يادرولۇق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى يەنىلا ئېغىر ئىكەن. مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇش، سۇرىيەنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىلىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنىڭ بېرى ئىكەن، بىراق ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارشى ئوخشىمايدىكەن. ئۆكتىچىلەر، بۇنى سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ بىر قىسمى قىلىپ، ھازىرقى زۇڭتۇڭ باشار ئەسەد تەختتىن چۈشۈشى كېرەك دەپ ھېسابلايدىكەن، بىراق سۇرىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرىدىكەن.

  2-: سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، كېلىشىم ھاسىل قىلىنسىمۇ ئۇ بىر قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىدىكەن. سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، ئارقا كۆرۈنۈشى مۇرەككەپ، بىرلىشىش دەرىجىسى قېيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بارلىق ئۆكتىچى گۇرۇھلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن، شۇنداقلا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ مەلۇم ئىختىلاپلار ساقلانغان بولۇپ، بۇ سۇرىيەدىكى توقۇنۇشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتكەن.

  3- دىن: گەرچە ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى بۇ قېتىمقى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپ ئۆكتىچى گۇرۇھ بىلەن تېررورچى تەشكىلاتنى قانداق پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە باشتىن ئاخىرى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىغان، شۇڭا، بۇ قېتىمقى تىنچلىق سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغان ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان 250 مىڭ كىشى قازا قىلغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى رەسمىي تىزىملىككە ئالغان سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 5 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، سۇرىيە ئومۇمي نوپۇسىنىڭ %20 دىن %25 تېگىچە ئىگىلىگەن. مۇشۇ ئايدىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت سۇرىيە ۋەزىيتىنى پائال ياراشتۇردى، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاستانە سۆھبىتىدىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگىچە سۇرىيەدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا ئۈمىد تۇغۇلدى، ھەر قايسى تەرەپلەر سۇرىيەدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە ئالاقىدار ھۆججەتلەر، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش،ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىر قىسىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بىراق، سۇرىيە ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولغانلىقى ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلىرى ئۆز ئارا قارشىلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى قايتا قايتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، تىنچلىق كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىش تېخىمۇ قىيىنغا توختىدى. بۇ يەردىكى تەھلىلچىلەر، سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئويلاشقاندا، كەلگۈسىدە سۇرىيە ۋەزىيىتى يەنىلا ئېغىر خىرىسلارغا يولۇقۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىلىشىشى داۋاملىشىدۇ دەپ ھېسابلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر