باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو فۇجيەن ئۆلكىسى گۇلاڭيۈ ئارىلى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى

2017.07.10 16:30   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو فۇجيەن ئۆلكىسى گۇلاڭيۈ ئارىلى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئىيۇل پولشانىڭ كىراكوف شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 41-نۆۋەتلىك ب د ت مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنى (دۇنيا مىراسلىرى يىغىنى)دا جۇڭگو فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى گۇلاڭيۈ ئارىلىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى تەستىقلاندى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئورۇن 52گە يەتتى.

  خەلقئارا قەدىمكى يادىكارلىقلار خارابىلىكلىرى كېڭىشىنىڭ قارىشىچە، گۇلاڭيۈ ئارىلىدا ئاسىيا يەر شارىلىشىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كۆپ خىل قىممەت قارىشىنىڭ يۇغۇرۇلۇش ھەمتۈرتكىلىكى ۋە بىرىكىشى نامايان قىلىنغان، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇسلۇبى جۇڭگو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ بىناكارلىق ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت قىممەت قارىشى جەھەتتىكى بىرىكىشى نامايان قىلىنغان. بۇ خىل بىرىكىشنىڭ پەيدا بولۇشى ئارالدا ئولتۇراقلاشقان چەت ئەللىكلەر ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلانىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىدىن شەكىللەنگەن ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى – شيامېن بېزەكچىلىك ئۇسلۇبى شەكىللەنگەن. بۇ ئۇسلۇب گۇلاڭيۈدە تەرەققىي قىلىپلا قالماستىن، يەنە كەڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دېڭىز ياقىسى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلارغا تەسىر كۆرسەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى تېزلىتىلىدۇ
    ·ش ئۇ ئار نىڭ ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 5-ئىيۇل باشلاندى
    ·2017-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى…
    ·8-ئايدا 4387 يېزا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە تارىخ دېگەندەك پەنلەر ئوقۇتۇشىدا چوقۇم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ 
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا بەش يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىندى
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ