خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممسى: جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدا يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھالەت ساقلانماقتا. 9-ئىيۇلدىكى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئىسسىق شەھەرلەر رەت تەرتىپىدە، 1-دىن 6-غىچە ھەممىسى شىنجاڭدىكى شەھەرلەر بولغان.
ناۋادا ئوت يۇرتى تۇرپاننىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 47 سېلسىيە گىرادۇس بولماقتا دېسە، سىزگە ئانچە بەك بىلىنمىگەن بولسا، ئەمسە تۇرپاننىڭ بىر كۈندىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ، چوقۇم سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئىيۇل، تۇرپاننىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 36 سېلسىيە گىرادۇس بولغان بولۇپ، بۇلتۇرقى 35.7 سېلسىيە گىرادۇسلۇق رېكورتنى بۇزۇپ، بۇ ھاۋا رايىنى ئۆلچەش ئورنىنىڭ 1951-يىلى 7-ئايدىن بۇيانقى 66 يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتقان.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئىران سۇبتروپىك ئىسسىق بەلباغ يۇقىرى تېمپېراتۇرا بېسىمى»نىڭ تەسىرىدە، 9-ئىيۇل كۈندۈزدىن 11-ئىيۇل كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تۇرپان-توقسۇن-پىچان، قۇمۇلنىڭ جەنۇبى ۋە ئىلى دەريا ۋادىسى، بۆرتالا ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ھاۋارايى داۋاملىشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا 37 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، خوتەن، كورلىنىڭ جەنۇبى، قۇمۇلنىڭ جەنۇبىدا تېمپېراتۇرا 39 سېلسىيە گىرادۇستىن 42 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تۇرپان-توقسۇن-پىچان ئويمانلىقىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43 سېلسىيە گىرادۇستىن 47 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى