خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل ھامبرۇگدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت، ئوخشاشلا مۇستەقىل، ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغان بولۇپ، «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدايدۇ، ئوخشاشلا ئوخشاشمىغان مەدەنىيلىك ئالاقىسى جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى يەنىمۇ كۈچەيدى. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتى، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش ــ جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك خەلقئارا ھەمكارلىق جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىللە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن نەزەر سېلىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى