باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىدۇ

2017.06.29 15:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلىنىپ، 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاياغلىشىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار سەككىز تۈركۈم بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك توردا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن.

  ھەرقايسى تۈركۈمنىڭ ئاياغلاشمىغان پىلانى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» نىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتىدە ئارزۇ تولۇقلاش ئارقىلىق تاماملىنىدىكەن، بەش قېتىم توردا ئارزۇ تولۇقلاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ھەرقايسى تۈركۈمنىڭ تاماملانمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولۇقلاش ۋاقتى يېقىندا ئېلان قىلىنىدىكەن. ئارزۇ تولدۇرغاندا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بۆلۈكلەرگە بۆلۈپ ئارزۇ ئۆزگەرتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىكەن. تولۇق كۇرس 1- ، 2- تۈركۈمگە ئارزۇ تولۇقلاش باشلانغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئالدىنقى ۋە كېيىنكى تۈركۈمدىكى ئارزۇنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىدا ئېلان قىلىنغان توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانى ۋە خىزمەت ئەھۋالى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ، ئارزۇ تولۇقلاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ساقلىنىشى؛ ئارزۇ تولدۇرغاندا ئىمتىھان نەتىجىسى، رەت تەرتىپى، ھەرقايسى تۈركۈملەرنىڭ نومۇر چېكى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ ئارزۇ تولدۇرۇشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش، كۈتۈۋېلىش پونكىتى ياكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى تارماق پونكىتلارغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر