باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ: قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ سودا سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2017.07.10 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەدىن كەلگەن بىر تۈركۈم توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرى چېڭدۇ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئارقىلىق رايون ئىچى ئەشيا ئوبوروتى ئۇسۇلىدا قەشقەرنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا كىردى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تىجارەتنى باشلىغاندىن بۇيان، سودا سوممىسى تۇنجى قېتىم 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  بۇ تۈركۈم ئەسۋابلارنى ئىمپورت قىلغۇچى تەرەپ شىنجاڭ قەشقەر چىلۇ توقۇمىچىلىق كىيىم كېچەك چەكلىك شىركىتى بولۇپ، ئىمپورت قىلىنغان توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرى 96 ئاپتوماتىك ئېشىش ماشىنىسى، 16 يىرىك يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى ۋە 1 يىرىك يىپ توشۇش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قىممىتى 95 مىليون 670 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئۈچ تۈركۈم قېتىمغا بۆلۈپ كەينى كەينىدىن قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا يەتكۈزۈش پىلانلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇنجى تۈركۈمدە 41 ئېشىش ماشىنىسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئوڭۇشلۇق كىردى.

  بۇ شەندۇڭ رۇيى گۇرۇھىنىڭ كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نۇقتىلىق تۈرى. شەندۇڭ رۇيى گۇرۇھى قەشقەر تۈرىنىڭ باش ئۈسكۈنىچىسى ۋاڭ باۋشۆنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىركەت قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، يوپۇرغا ناھىيەسىدە شۆبە شىركەت قۇرغان، ھازىر ئالتە توقۇمىچىلىق سېخى بولۇپ، 396 ئاپتوماتىك ئېشىش ماشىنىسىنى ئىمپورت قىلىش مۆلچەرلەنگەن. بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان، 200 گە يېقىن ئېشىش ماشىنىسى قەشقەردىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئىلگىرى كېيىن يەتكۈزۈلگەن.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 2014-يىلى 9-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان، 2015-يىلى 20-ئاپرېل رەسمىي تىجارەت باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە 1-، شىنجاڭ بويىچە 2- ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئايلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا قەدەر، قەشقەر باجدىن خالىي رايونىدا رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا 22 گە يەتتى. بۇ يىلقى سودا سوممىسى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 10 ھەسسىدىن ئارتۇق ئېشىپ، 170 مىليون يۈەنگە يەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر