باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە تارىخ دېگەندەك پەنلەر ئوقۇتۇشىدا چوقۇم قېلىپلىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى

2017.07.05 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئىيۇل مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئەخلاق، قانۇن ئىدارە قىلىش، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلىم-پەن ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىدىغان كىتابلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار ئوقۇتۇشتا چوقۇم «2017- يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىنىڭ ئەخلاق، قانۇن ئىدارە قىلىش، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلىم-پەن ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسى»دە ئېلان قىلىنغان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغان.

  باشلىنىش يىللىقىغا نىسبەتەن 2017- يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىق ئىلىم-پەن دەرسلىكىنى تەڭشەشتىن باشلىنىدىكەن، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ھەر قايسى كىتابلارنى تۈزۈپ نەشىر قىلىش ئورۇنلىرى يېڭى دەرس ئۆلچىمىگە ئاساسەن ھازىرقى باشلانغۇچ ئىلىم-پەن ماتېرىياللىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن، ھەمدە 1-، 2- يىللىقىنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرى تۈزىتىشىنى كۆپەيتكەن. تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن ۋە كۆپەيتىپ تۈزۈلگەن دەرسلىك ماتېرىياللىرى 2017- يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىپ، 3- يىللىقتىن 6- يىللىققىچە ھازىرقى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار ئېنىق دېيىلدى: بارلىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدا بىردەك ھالدا قوشۇمچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەر خىل زەنجىرسىمان ئۇلىنىش ئادرېسلىرى ۋە ئىككىلىك كود دېگەندەك ئۇچۇرلار كۆرۈلمەسلىكى كېرەك، ھەمدە جايلاردىن بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى، شۇ ئارقىلىق، دەرسلىك كىتابلارنىڭ دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇنلا كېلىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر