باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەسلى قوش تىل مائارىپى گۈزەل كەلگۈسىگە ئۇل سالىدۇ

8-ئايدا 4387 يېزا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ

2017.07.05 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، لوپ ناھىيەسى سامپۇل بازىرى قارايانتاق كەنتىدىكى يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى ئورنىدا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئالدىراش ئىشلىمەكتە. كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەسلىنىڭ بالدۇرراق پۈتۈشىنى كۈتمەكتە.

  نامرات كەنت ئاھالىسى ئابدۇبەكىر ئابدۇرېھىم مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يەسلى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، بالىلىرىمىز مۇشۇنداق ياخشى شارائىتتا ئوقۇيالىسا، ئوقۇش پۇلى ۋە تاماق پۇلى ھەقسىز بولسا، بۇ نېمىدىگەن ياخشى سىياسەت، پارتىيەمىزگە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز!»

  ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئېنىقلاپ تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يەسلى يېشىدىكى 1 مىليون 128 مىڭ 900 ئۆسمۈر يەسلىگە كىرىپ ئوقۇشقا مۇھتاج ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 769 مىڭ 400 ئۆسمۈر جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىكەن. بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش زەپەر مارشى ياڭرىدى. مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى بۇ «1-نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە، ھەر قايسى جايلاردا تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  ئاپتونوم رايون جايلاردىن پىلان قىلىنغان يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم قۇرۇش» تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنداپ، بۇ يىل يېڭىدىن سېلىنىدىغان، ئۆزگەرتىپ يېڭىلىنىدىغان 4387 يېزا قوش يەسلى قۇرۇلۇشىدا 8-ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئىش تاماملاپ، ئوقۇش مەيدانى بولۇش، دەرس ئوقۇشلۇقى بولۇش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل يەسلى مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنداشقا چاقىردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر