باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان ئارمىيەسى چېگرادىن قانۇنسىز ئاتلاپ جۇڭگو تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىنى دەپسەندە قىلدى

2017.07.10 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ھىندىستاننىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسمى ئەسكەرلىرى جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ سىككىم بۆلىكىدە چېگرادىن قانۇنسىز ئاتلاپ، جۇڭگونىڭ يادۇڭ ناھىيەسىنىڭ دۇڭلاڭ رايونىغا بۆسۈپ كىرىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ نورمال پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ھىندىستان ئالاقزەدىلىك بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھىندىستان «جۇڭگونىڭ تاجاۋۇزچىلىقى»غا ئۇچرىدى، دېدى، ئارقىدىنلا گېپىنى ئۆزگەرتىپ «تاجاۋۇز»غا ئۇچرىمىدۇق، دېدى، ئارقىدىن يەنە بۇتان دۇڭلاڭ رايونىنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدۇ»، ھىندىستان «بۇتاننى قوغدايدۇ» دېگەن نىقابلارنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەمەلىيەتتە، ھىندىستاننىڭ قىلمىشىنىڭ ھەم تارىخىي ئاساسى يوق، ھەم قانۇنىي ئاساسى يوق، ئۇنىڭ مەقسىتى جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ ئاللىبۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان بۆلىكىدە زورىغا يېڭىدىن «ماجىرالىق رايون» پەيدا قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت كونترول قىلىپ، «ئىگىلىۋالسىلا ئۆزىنىڭ بولۇش» نىشانىغا يېتىش.

  بۇ قېتىمقى ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش ۋەقەسى جۇڭگو، بۇتان ۋە ھىندىستاننىڭ سىككىم ئىشتاتىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپكە چېتىلىدۇ، بۇ يەرنىڭ تارىخىي ئورنى ئىنتايىن ئېنىق. جۇڭگو بىلەن بۇتاننىڭ چېگراسىدا ئەنئەنىۋى ئادەت لىنىيەسى بار، ئىككى دۆلەت بۇ لىنىيە بويىچە ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، بۇ يەردە ئەزەلدىن توقۇنۇش بولۇپ باقمىغان. جۇڭگو بىلەن سىككىم 1794-يىلىلا چىگرىنى ئېنىق ئايرىپ، چېگرىدا توققۇز ئوبا ياساپ بولغان، بۇنىڭ بىرى ھازىرقى جۇڭگونىڭ يادۇڭ ناھىيەسى بىلەن بۇتان، ھىندىستاننىڭ سىككىم ئىشتاتى چېگرالىنىدىغان جىمۇماجېن تېغى چوققىسىدا. 18-ئەسىردىن باشلاپ، ئەنگلىيە بۇتان، سىككىمغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 1888-يىلى جۇڭگونىڭ شىزاڭغا تاجاۋۇز قىلغان. 1890-يىلى، «جۇڭگو ئەنگلىيە يىغىنى شىزاڭ ھىندىستان ئىشلىرى شەرتنامىسى» ئىمزالانغان، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى سىككىمگە «ئەنگلىيەنىڭلا ھامىيلىق قىلىشى»نى ئېتىراپ قىلغان، بۇ شەرتنامىدە جۇڭگو-سىككىم چېگرا يۆنىلىشى بېكىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۇڭلاڭ رايونى جۇڭگو زېمىنى، جىمۇماجېن تېغى جۇڭگو، بۇتان، سىككىمدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ چېگراسى بولغان. 1890-يىلىدىن كېيىن، جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ سىككىم بۆلىكىدە قايتا ئۆزگىرىش بولمىغان.

  «جۇڭگو ئەنگلىيە يىغىنى شىزاڭ-ھىندىستان ئىشلىرى شەرتنامىسى»دا جۇڭگونىڭ شىزاڭ بىلەن سىككىم ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا بېكىتىلگەن، ھىندىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى نىھرۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بۇنى كۆپ قېتىم ئېنىق ئېتىراپ قىلغان. 1959-يىلى 22-مارت، نېھرۇ زۇڭلى جۇ ئىنلەيگە يازغان خېتىدە «ھىندىستاننىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت سىككىم بىلەن جۇڭگونىڭ شىزاڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا 1890-يىلىدىكى ئەنگلىيە-جۇڭگو شەرتنامىسىدا بېكىتىلگەن، 1895-يىلى يەر يۈزىگە بىرلىكتە بەلگە ئورنىتىلغان» دېگەن. شۇ يىلى 26-سېنتەبىر، نېھرۇ جۇ ئىنلەيگە يازغان جاۋاب خېتىدە ئېنىق قىلىپ: 1890-يىلىدىكى شەرتنامىدە سىككىم بىلەن شىزاڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا بېكىتىلگەن، بۇ چېگرا لىنىيەسىگە 1895-يىلى بەلگە قويۇلغان. سىككىم بىلەن شىزاڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توغرىسىدا ھېچقانداق تالاش-تارتىش يوق، دېگەن.

  دۇڭلاڭ رايونى ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنى، تارىخىي پاكىتلار ئېنىق، قانۇنىي ئاساس تولۇق، جۇڭگو بىلەن بۇتاننىڭ بۇ توغرىسىدا ئېنىق تونۇشى بار، ئۇنداقتا ھىندىستان نېمە ئۈچۈن يەنە چېگرادىن قانۇنسىز ئاتلاپ مۇتھەملىك قىلىپ چىقىپ كەتمەيدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستاندىكى بەزى كۈچلەر ھىندىستان بۈيۈك ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ «مىراسلىرى»غا ۋارىسلىق قىلىپ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوشنىلىرىنى داۋاملىق «قوغدىشى»، كونترول قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، يەنە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر تەپەككۇرى بويىچە، جۇڭگوغا قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ كۈچلەر ئېنىقلا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا ۋەزىيەت ھىندىستانغا پايدىلىق بولۇۋاتىدۇ، بۇ چاغدا جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ بېكىتىلىپ بولغان بۆلىكىدە يېڭىدىن «ماجىرالىق رايون» پەيدا قىلىپ، ئۇزاققىچە ئىگىلىۋالغاندا ھىندىستاننىڭ سىلىگۇرى كارىدورىنىڭ «مۇتلەق بىخەتەرلىكى»گە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو بىلەن بۇتاننىڭ چېگرا سۆھبىتى مۇساپىسىگە دەخلى قىلىپ، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىلەمچى قۇرۇقلۇقىدىكى «زومىگەرلىك»ئورنىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  جۇڭگو بىلەن ھىندىستان تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودىمۇ ھىندىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىپ، ھىندىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە زور ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن. بۇ قېتىم ھىندىستان سىلىگۇرى كارىدورىنىڭ «مۇتلەق بىخەتەرلىكى»نى دەپ، چېگرادىن ئاتلاپ جۇڭگو زېمىنىغا بۆسۈپ كىرىپ، بۇتاننى مەجبۇرىي «قوغدىماقچى» بولدى، بۇ شۈبھىسىزكى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىگە خىلاپ، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ، ھىندىستاننىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ھىندىستان خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزەتمىسە، ئەتراپتىكى قوشنىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە قانداقمۇ ئېرىشەلىسۇن؟

  جۇڭگو چېگرا زېمىن تالاش-تارتىشىنى ئىككى تەرەپلىك تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بېرما، نېپال، ئافغانىستان، ۋىيېتنام قاتارلىق 12 قوشنىسى بىلەن چىگرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېنىق ئايرىپ بېكىتتى. جۇڭگو زېمىنىغا دەخلى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، جۇڭگو خەلقى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ چېگرادىن ئاتلاش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش، قوشنا دۆلىتىنى «قوغداش»نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاشتەك مۇستەملىكە قائىدىسىگىمۇ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقى ئاۋارىچىلىك تېرىمايدۇ، ھەم ئاۋارىچىلىكتىنمۇ قورقمايدۇ، جۇڭگونىڭ بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۆز زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ھوقۇقى بار. ھىندىستان چېگرا شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، چېگرادىن قانۇنسىز ئاتلىغان ھەربىيلىرىنى ھىندىستان تەرەپكە تېزدىن شەرتسىز چېكىندۈرىشى كېرەك، بۇ دەل بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر