باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«جۇڭگونى ھېس قىلىش پائالىيى. مىسىر سەپىرى»نىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇھاجىر قېرىنداشلار سۆھبەت يىغىنى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلدى

2017.07.10 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئىيۇل، «جۇڭگونى ھېس قىلىش 2017- يىللىق پائالىيىتى - جۇڭگو غەربىي رايون مەدەنىيىتى پائالىيىتىنىڭ مىسىرغا سەپىرى. شىنجاڭ قىسمى»نىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيىتى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ھەمدە مۇھاجىر قېرىنداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ئەركىن تۇنىياز ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي تېز بولىۋاتىدۇ، شەھەر- يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، پۇقرالارنىڭ خەلق تۇرمۇشى مىسلىسىز ياخشىلاندى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇق، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقى بارغانسېرى زورايماقتا. ئەركىن تۇنىياز يەنە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ۋەتەن ۋە يۇرتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ئابلىمىت ۋە لى ۋېنيۈەن قاتارلىق ئون نەچچە نەپەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ۋە مۇھاجىر قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ مىسىردىكى ئوقۇش ۋە تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» ۋە «شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» دېگەندەك مۇكاپات تۈرلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، چوقۇم قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، دۆلەت ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ، ۋەتەنگە بالدۇرراق قايتىپ كېلىپ ۋە جاۋاب قايتۇرۇپ، يۇرتنى گۈللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «جۇڭگونى ھېس قىلىش 2017- يىللىق پائالىيىتى - جۇڭگو غەربىي رايون مەدەنىيىتى پائالىيىتىنىڭ مىسىرغا سەپىرى. شىنجاڭ قىسمى»نى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن. پائالىيەت مەزگىلىدە ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ۋە كىنولىرىنى قويۇش قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن، دۆلىتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ، مىسىردىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر