باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن سائەت 22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئېلان قىلىنىدۇ

2017.06.23 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپى 24-ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى 22دە ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسىنى تەكشۈرەلەيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتى (http://www.xj.edu.cn )، (http://www.xjedu.gov.cn)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى (http://www.xinjiang.gov.cn )، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn )، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى (http://www.ts.cn )، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش «ئىناق تۇرمۇش» تور بېكىتى (http://www.wxcs.cn) ئارقىلىق نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  ھەر خىل ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونىتلىرى (GK# ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى # مەخپىي نومۇر) شەكلىدە ئۇچۇر يېزىپ (ئەسكەرتىش: ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئارقىسىغا دەسلەپكى لايىھەلىنىلگەن مەخپىي نومۇرىنى قوشىدۇ)، 10658333 كە ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ، ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئالدىن زاكاس قىلىپ تەكشۈرسە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا 12850 كە تېلېفون قىلىپ، ئادەتتىكى مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىمتىھان نومۇرىنى ۋە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر