باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى تېزلىتىلىدۇ

2017.07.07 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپە نىشانىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 6-ئىيۇل بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن پىلانىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلگىرىلىشىنى يەنىمۇ تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ئىلگىرىلەش جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ھەر بىر پەسىل، ھەر بىر ئايغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر بىر تۈر مەكتەپلىرىگىچە تۇتاشتۇرۇپ، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشى ۋە ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنى %70تىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشقا، 2018-يىلنىڭ ئاخىرى %90تىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشقا، 2019-يىلى ئاخىرقى خىزمەتلەرنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامرات ناھىيەلەرنىڭ 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، نامرات ناھىيەلەردىكى ئاجىز مەكتەپلەرنى بالدۇرراق ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى بالدۇرراق نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  مەبلەغ مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2017-يىلى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ ئارقىلىق، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ئالدىن يولغا قويۇش تۈرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلىشىشنى نۇقتىلىق قوللاپ، شۇ يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنىڭ پىلاندا بېكىتىلگەن سان بويىچە مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر