باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

17 ياشقا كىرگەن شىنجاڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دۆلەت ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا تاللاندى

2017.07.07 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇل، جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ ئورگان تورىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ، توققۇز ماھىر دۆلەت ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كوللېكتىپ مەشىقىگە تولۇقلاپ قوبۇل قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى لى خاۋنەن مەشىققە چاقىرىلغانلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى سۈن مىڭياڭ ۋە ۋاڭ جېڭبومۇ بۇ تىزىملىككە كىردى.

  6-ئىيۇل، شىنجاڭ ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ يوڭشىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: لى خاۋنەننىڭ دۆلەت ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىگە كىرىشى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت نامىدىكى كوماندىغا تاللىنىشى بولۇپلا قالماي، مەملىكىتىمىز بويىچىمۇ تۇنجى قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ.

  لى خاۋنەن بۇ يىل 17 ياش، بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1.97 مېتىر، تېخنىكىسى ئەتراپلىق ۋە مۇكەممەل، ئۇ ئىلگىرى ئۈرۈمچى 1-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنى يېتەكلەپ، دۆلەتلىك ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيا 18 ياشلىقلار تۈرى بويىچە ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، لى خاۋنەن ئۆز ئالدىغا توققۇز نومۇر ئېلىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تەيبىي كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولۇشىغا ھەسسە قوشقان ۋە «ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماھىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  نۆۋەتتە، لى خاۋنەن جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر